تۈنۈگۈن دۇكانغا ئىككى خەنزۇ كىرىپتۇ، ئامرىكىغا بارىدىغانغا رەسىمگە چۈشىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن قانداق ئۆلچەم بارلىقىنى سورىدىم. 50*50 مىللىمىتىرلىق چاسا رەسىم لازىم دىدى.
دەيدىكەن 签证
باشقا ئۆلچىمىنى بىلمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدىدىم
رەسىم ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك ئىكەن
ئۇدۇلدىن تارتىلغان رەسىم. رەسىمگە چۈشكەن ۋاقىتتا ئاپاراتقا ئۇدۇل قاراپ چۈشكەن بولۇشى، كۆزى باشقا تەرەپكە قارىغان بولماسلىقى ، يۈز قىسمى پۈتۈن رەسىمنىڭ 50% چوڭلۇقىدا بولۇشى لازىم. چاچ شەكىللىرى سەۋەپلىك يۈز قىسمىغا قاتتىق تەلەپ قويۇش قىيىن بولسىمۇ ئومومەن ئىيتقاندا رەسىمگە چۈشكۈچىنىڭ باش قىسمى. يۈزى ۋە چىچىنى ، باش چوققىسىدىن ئىڭېىكىگىچە، ئىككى تەرىپىدىكى چاچلارنىڭ چىگرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇلاقمۇ كۆرۈنىشى كىرەك. ئاساسلىقى رەسىمدىن رەسىمگە چۈشكۈچىنى ئىنىق تونۇغىلى بولۇشى كىرەك. رەسىم ئۆلچىمى 2*2 سۇڭ، تەخمىنەن 5سانتېمىتىر*5سانتېمىتىر بولغان كېۋادىرات شەكىللىك رەسىم. باش رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشى، باش قىسمىنىڭ ئارىلىقى (چوققىسىدىن ئىڭەككىچە)تەخمىنەن 1سۇڭدىن چوڭراق، (تەخمىنەن 25 مىللىمىتىردىن 35 مىللىمىتىرغىچە) كۆزدىن رەسىمنىڭ ئەڭ ئاستىغىچە بولغان ئارىلىق تەخمىنەن 1 سۇڭدىن چوڭراق (تەخمىنەن 28 مىللىمىتىردىن 35 مىللىمىتىرغىچە) بولۇشى، ئارقا تەرىپى ئاق ياكى سۇس رەڭلىك بولغان رەڭلىك ياكى رەڭسىز رەسىم بولۇشى (مىنىڭچە رەڭلىك رەسىم بولۇشى كىرەك)، رەسىمنىڭ رامكىسى بولماسلىقى كىرەك. ئارقا تەرىپى قىنىق رەڭلىك ياكى مەنزىرىلىك رەسىم بىردەك ئۆلچەمسىز ھىساپلىنىدۇ.
توردىن كۆرگەنلىرىم شۇنچىلىك. كۆپچىلىككە پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. پايدىلانغان تور مەنبە
http://www.chuguo.cn/news/108989.xhtml
2008/12/20
رەسىمى (签证)ئامرىكا پاسپورت
2008/12/16
ئۈمىد ئالما سۈيى
3dmax .
مەشىق ئەسىرىم. بۇنىڭدىكى بوتۇلكىنى ئۈچ كۈندە ياساپ بولالمىغان. ھازىر ئويلىسام بەك قىتىرقىنىپتىكەنمەن.
تولۇق ئوقۇش
يازغۇچى:
Sadek
ۋاقىت
19:43:00
0
ئىنكاس
خەتكۈچ: مەشىق ئەسەرلەر
تام سائىتى
يازغۇچى:
Sadek
ۋاقىت
19:19:00
0
ئىنكاس
خەتكۈچ: مەشىق ئەسەرلەر
بلوگىمغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن! مەن بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىزتۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىڭ
QQ:77850442 ; email-SadekT0998#gmail.com
(.نى@ غا ئۆزگەرتىڭ#)
QQ:77850442 ; email-SadekT0998#gmail.com
(.نى@ غا ئۆزگەرتىڭ#)
تولۇق ئوقۇش
订阅:
博文 (Atom)